Uyghur←Chinese主要词典
سۇكارنو
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
苏加诺
sū jiā nuò
دۇنيا تارىخى
苏加诺
sū jiā nuò
(1901 - 1970) ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنڭ زۇڭتۇڭى (1945 - 1967).سۇرايابادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ياۋا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەۋلادى. 1925 - يىلى باندوڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن <مەركىزىي تەتقىقات كۇلۇبى>نى تەشكىللەپ، ھەمكارلاشماسلىقنى ۋاستە قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىغان. 1927 - يىلى <مەركىزىي تەتقىقات كۇلۇبى>نى <ھىندۇنېزىيە مىللىي ئىتتىپاقى>غا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان، دەرھال مۇستەقىل بولۇش شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1928 - يىلى يەنە ھىندۇنېزىيە مىللىي ئىتتىپاقىنى <ھىندۇنېزىيە مىللىي پارتىيىسى>گە ئۆزگەرتكەن. 1929 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. 1930 - يىلى <ھېندۇنېزىيەنىڭ شىكايىتى> ناملىق مەشھۇر ئاقلاش سۆزىنى ئېلان قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ جىنايى قىلمىشىنى قاتتىق سۆكۈپ، ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن <ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى> گە قاتنىشىپ، رەئىس بولۇپ سايلانغان. 1933 - يىلى يەنە تۇتقۇن قىلىنغان، تاكى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغىچە تۈرمىدەبولۇپ، ياپونىيە ئارمىيسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن ياپونىيە جاھانگىرلىكىگە تايىنىپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش خام خىيالىدا بولغان. ئىلگىرى - ئاخىر ياپونىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياللانما تەشكىلات -<خەلق كۈچى مەركىزى>، <ياۋا ئوموم ئۈچۈن ئىشلەش ئۇيۇشمىسى> ۋە <ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىكىگە تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى>نىڭ رەئىسى بولغان. 1945 - يىلى 6 - ئايدا، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، دۆلەت قۇرۇشنىڭ بەشپرىنسىپى: يەنى، ئاللاغا ئېتىقاد قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئوتتۇرغا قويغان. 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلىپ، ھىندۇنېزىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. گوللاندىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، 1948 -يىلى 12 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، بانكا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1949 - يىلى 8 - ئايدا گوللاندىيە ھېندۇنېزىيەنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇيىلى 12 - ئايدا ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 1950 - يىلى بىرلىككە كەلگەن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىمۇ زۇڭتۇڭ بولغان. 1959 - يىلدىن ئىتىبارەن زۇڭلىلىقنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. ئۇ، ئىزچىل ھالدا جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاسىيا، ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا تۆھپە قوشقان. 1965 - يىلدىكى <30 - سېنتەبر> ۋەقەسىدىن كېيىن، زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقى پەيدىنپەي تارتىۋېلىنغان. 1967 - يىلى 3 - ئايدا زۇڭتۇڭلۇقتىن قالدۇرۇلۇپ، نەزەربەند قىلىنغان. 1970 - يىل 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.