Uyghur←Chinese主要词典
سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى
تارىخ
采邑制
cǎi yì zhì
دىنى سۆزلۈكلەر
采邑制
cǎi yì zhì
دۇنيا تارىخى
采邑制
cǎi yì zhì
لاتىنچە beneficium دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، <تارتۇق قىلىش> دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەربىي ياۋرۇپادىكى بىرخىل فېئوداللىق يەر ئىگىلەش تۈزۈمى. مىلادى Ⅷ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ئوردا ۋەزىرى (ھۆكۈمرانى) چارلېس مارتېل بۇ تۈزۈمنى ئالدى بىلەن يولغا قويغان. بۇ تۈزۈم يەرلەرنى ئاقسۆڭەكلەرگە شەرتسىز ھەدىيە قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇرۇنقى كونا رەسمىيەتنى ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى مۇنداق: سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى (زېمىندار) سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى(بېقىندى فېئودال) غا يەر (سۇيۇرغال) تارتۇق قىلىپ بېرىدۇ، سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى، سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچىغا نىسبەتەن مۇئەييەن مەجبۇرىيەتنى، ئاساسلىقى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبورىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇيۇرغال ئۇنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ بولۇپ، مىراس قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى ياكى سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، سۇيۇرغال سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ مىراسخورىغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى شەرت. سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى سۇيۇرغالدىن داۋاملىق بەھرىمان بولماقچى بولسا، قايتىدىن رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەك. سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى غەربىي ياۋرۇپا فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.سۇيۇرغال يەر ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان دېھقانلار بىلەن قوشۇپ سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچىغا تارتۇق قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەركىن دېھقانلارنىڭ يانجىلىشىنى تېزلەتكەن؛ چوڭ، ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللار ئوتتۇرىسىدا قاتلاممۇ قاتلام سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش يولغا قويۇلغان، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يۇقىرىسىدىكىگە نىسبەتەن سۇيۇرغالغا ئىگە بولغۇچى، تۆۋىنىدىكىگە نىسبەتەن سۇيۇرغال تارتۇق قىلغۇچى بولغان، شۇنداق قىلىپ يەر مۇناسىۋىتىنى ۋاستە قىلغان ھالدا فېئوداللىق تەبىقە تۈزۈمى شەكىللەنگەن؛ ئوتتۇرا، ئۇششاق فېئوداللار كۈنسايىن كۆپەيگەن، ئۇلار ئۇرۇشنى كەسىپ قىلىپ، كېيىن راۋاجلىنىپ رىتسارلار قاتلىمىغا ئايلانغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، فېئوداللىق مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۇيۇرغال تەدرىجىي ھالدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان زېمىنغا ئايلانغان. Ⅺ ئەسىرگە كەلگەندە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى پۈتۈنلەي كۈچتىن قالغان.