Uyghur主要词典
سۇيۇقئاش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىرنى ئىنچىكە كېسىپ، گۆش ۋە چامغۇر قاتارلىق كۆكلەر سېلىنغان سۇدا پىشۇرۇلغان غىزا.
<گامەن> خەنزۇچە: 挂面
ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئېتەلمىسەڭ ئۈزۈپ ئەت. چۆچۈرە چۆرۈلگۈچە، ئۈگرە ئۆرۈلگۈچە. تەمسىز سۇيۇقئاش تۈگىمەس. مېھمان كەلگەندە سۇيۇقئاش، كېتىشتە قويۇقئاش. كەسمە چۆپ كەڭرىچىلىك. تەييار گامەن ئېلىپ قويدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۇيۇق + ئاش
ئىسىم
ھەر خىل كېسىلگەن ياكى ئۈزۈلگەن چۆپلەرنى توغرالغان كۆكتات، گۆش ۋە باشقا خۇرۇچلار بىلەن بىللە سۇدا پىشۇرۇش ئارقىلىق ئېتىلىدىغان تاماقلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇنىڭ ئۈگرە ئاش، مەنچىزە ئاش، قۇشقاچ تىلى ئاش ۋە ئۈزۈپ تاشلانغان ئاش قاتارلىق تۈرلىرى بولىدۇ.