Uyghur主要词典
سۇ يىپ سازىڭى
بىئولوگىيە
ئاز تۈكلۈكلەر سىنىپىنىڭ تۇبىفېكس ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى كىچىكرەك، ئىنچىكە، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 35 - 55 مىللىمېتىر. تېنى جىگەررەڭ، كەينى قىسمى سارغۇچ يېشىل ساقاقسىز، تېنىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ ھەر تەرىپىدە تۆت قال قان تومۇرىدىن شەكىللەنگەن قان تومۇر تورى بولۇپ، نەپەسلىنىش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەتتە ھەر بىر بوغۇمىدا تۆت تالدىن قىلچىق تۈكى بولىدۇ. 11 ~ 12 - تەن بوغۇملىرى ئۈزۈكسىمان بىرلەشكەن، ئېرىق - ئۆستەڭ قاتارلىق نېپىز سۇلارغا ماكانلاشقان، ئالدى تەرىپى پاسكىنا لايلارغا چۆكۈپ تۇرسا، قۇيرۇق قىسمى سۇدا پۇلاڭلاپ تۇرىدۇ. تارقىلىشى كەڭ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىمۇ بار. بېلىقلارغا يەم قىلىشقا بولىدۇ.