Uyghur主要词典
سۇياڭىقى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۇ + ياڭاق + ى
ئىسىم
بوتانىكا
سۇ ياڭىقى ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سازلىق كۆلچەكلەردە ئۆسىدۇ. يىلتىزى پاتقاق ئىچىدە تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، گىرۋەكلىرىدە ھەرىنىڭكىدەك بولىدۇ، ئادەتتە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. گۈلى ئاق، مېۋىسى يېشىل ياكى قوڭۇر كېلىدۇ، پوستىدا مۈڭگۈزلىرى بولىدۇ. مېۋە ئېتىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.