Uyghur←Chinese主要词典
سۇگىياماموتو
دۇنيا تارىخى
杉山元
shān shān yuán
(1880 - 1945) ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسىرلار مەكتىپى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئەمەلدارى، شتاب مۇئاۋىن باشلىقى، مائارىپ باش تەپتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1937 -يىلى 2 - ئايدىن 1938 - يىلى 6 - ئايغىچە ئۇدا خاياشىئوجى ئىچكى كابىنېتى، كونوئى ئىچكى كابىنېتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. 1938 -يىلى 12 - ئايدا <شىمالىي جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيسى> قوماندانى بولغان. 1939 - يىلى 8 - ئايدا ئىچكى مۇڭغۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ھەربىي مەسلىھەتچى ئەمەلدارلىقىغا يۆتكەلگەن. 1940 - 10 - ئايدىن 1944 - يىلى 2 - ئايغىچە باش شتاب باشلىقى بولغان.1944 - يىلى 7 - ئايدا مائارىپ باش تەپتىشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوئىسو ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 4519 - يىلى 4 - ئايدا بىرىنچى ئارمىيە باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياپونىيە تۇپرىقىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن،9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.