Uyghur主要词典
سۇگا تەرەپدارلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىخۋانىيە مەزھىپىنىڭ تارمىقى بولۇپ، 1937 - يىلى ئىخۋانىيە بۆلۈنۈپ كەتكەندە بىر تەرەپكە گاسۇگاھاجى باشچىلىق قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلار بۇ مەزھەپنى قۇرغان ماگويۈەننىڭ دىنىي مۇددىئاسىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ناماز ئوقۇغاندا بىر قېتىم قۇلاق قاقىدۇ. ئۇلار ئىخۋانىيە مەزھىپىدىكى كۆپ سانلىق ھېسابلىنىدۇ. گاسۇگاھاجى ماۋەنفۇ (ماگويۈەن) نىڭ قابىل شاگىرتى بولۇپ، بەيجۇاڭ مەزھىپى بىلەن قارشىلىشىدۇ. ئەقىدە جەھەتتە تۈپ ئىختىلابى يوق.