Uyghur←Chinese主要词典
سۈرىيىدىكى 1925 - يىلدىكى قوزغىلاڭ
دۇنيا تارىخى
叙利亚一九二五年起义
xù lì yà yī jiǔ èr wǔ nián qǐ yì
درۇزې قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈرىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۈرىيە فرانسىيەنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەرگە ئايلىنىپ قالغان. فرانسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1925 - يىلى سۈرىيىدىكى درۇزېلارنىڭ فرانسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيىسى سارايىردىن ئۆلكە نازارەتچىسىنى يۆتكىۋېتىش تەلىپى رەت قىلىنغان ۋە مۇراجىئەت سونغان ۋەكىللەر قولغا ئېلىنغان. بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەت شۇ جايدىكى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا درۇزې تاغلىق رايوندىكى دېھقانلار سۇلتان ئاتلاشنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچى ئارمىيە ناھايىتى تېزلا يېزا - كەنتلەرنى كونترول قىلىپ، 8 - ئايدا پايتەخت دەمەشققە قىستاپ كەلگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى مىللەتچىلەر ئارقىمۇ ئارقا ئاۋاز قوشقان،9 - ئايدا قوزغىلاڭچىلار درۇزېدا سۈرىيە ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە سۈرىيە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، سۇلتان ئاتلاشنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن. 10 - ئايدا دەمەشقتە كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 1926 - يىلى 4 - ئايدا، فرانسىيە ئارمىيىسى درۇزې تاغلىق رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ،قوزغىلاڭچى ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچى خەلق پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى مۇستەملىكە دائىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلغانلىقتىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت پارچىلانغان. 1927 - يىلى 6 - ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭ پۈتۈنلەي باستۇرۇلغان، سۇلتان ئاتلاش بىرقىسىم قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ تاشقى ئىئوردانىيىگە چېكىنگەن.