Uyghur主要词典
سۈرەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەكىل، رەسىم، سىزما، تۈس؛ ھال، كەيپىيات، تاشقى كۆرۈنۈش. (كۆپلۈكى <سۇۋەر>): سۈرەت باغلاماق - ئەمەلگە ئاشماق، يۈزەگە چىقماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىزىق ۋە بوياقلاردىن تۈزۈلگەن ئوبراز ۋە شۇنداقلا فوتو ئاپپاراتتا چۈشۈرۈلگەن ئوبراز.
رەسىم سىزىش چوڭ ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. سۈرتسەڭ ئەينەكتىن چاڭنى ھەر نۆۋەت، روشەنرەك كۆرۈنەر ئەينەكتە سۈرەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ سىزىلغان ياكى فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان تەسۋىرى، رەسىمى.
سۈرەت سىزماق.
تاشقى قىياپەت، كۆرۈنۈش، شەكىل، تۇرق.
يارنىڭ سۈرىتىگە قارىما، خۇلقىغا قارا (ماقال).
<مات> ئاددىي كەسىرلەردىكى توغرا سىزىقنىڭ ئۈستىگە يېزىلىدىغان سان. مەسىلەن 1/2 دىكى <1> سۈرەت بولىدۇ.
باش كېلىشتىكى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، <دەك>، <سىمان>، <قا ئوخشاش> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
پەرىشتە سۈرەت ئادەم. گۈل سۈرەت قىز.
ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ <ھالەتتە>، <رەۋىشتە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
جانابلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىشىنىشىنى يەنە بىر قېتىم جىددى سۈرەتتە ئىلتىماس قىلىمەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل