Uyghur主要词典
سۈر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھەيۋەت، قۇرقۇنچ.
ئۇ سۈرى ئادەم. * سۈر باسماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئىسلاش يولى بىلەن سۈيى قاچۇرۇلغان.
سۈر گۆش. * سۈرلىمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سۈرمەك، سۈرۈش. 1 . سىلجىتماق، ئالدىغا مىدىراتماق.
ئىشنى ئالغا سۈرمەكچى بولسا يولداش،
تەرتىپكە سالغۇسى سەۋر بىلەن بەرداش.
2 . قوغلىۋەتمەك، ھەيۋەتمەك. سۈرۈپ توقاي قىلماق. * دۈشمەننى سۈرۈپ چىقارماق.
ئۇر، قوغلا، سۈر دۈشمەننى،
قۇتقۇز بۇ يۇتىمىزنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سۈرمەك، سۈرۈش. يايرىماق، دەۋرسۈرمەك، سەلتەنەت سۈرمەك.
«سۈر» دىن بىر تويۇق:
ئانام بەردى ماڭا تۇپراق. كۆزۈڭگە تۇتىيا سۈر، دەپ،
ئاتام بەردى ماڭا شەمشەر. ئېلىڭنىڭ دۈشمىنىنى سۈر، دەپ،
غۇرۇرۇم بەردى غەيرەتنى. ئۆزڭنى باسمىسۇن سۈر، دەپ،
ئىجادىم بەردى كۆپ شادلىق. دەۋرنىڭ پەيزىنى سۈر، دەپ.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەڭ مۇۋاپىق چارە - تەدبىر.
ئەلگەك سوراشقىمۇ ئەپ كېرەك. ئېپى ئەلسە، سېپى ئۆزىدىن چىقار. ئېچىنى تاپقان چۈمۈلىنى تاقىلار. ھەرئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. دىتى يوق ئەردىن دىتى بار بالا ئەلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆككە مايىل ئاق تۈس.
ئاتنىڭ ياخشىسى بوز بولىدۇ، ئەرنىڭ ياخشىسى تاز. سۇر ئاتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەس، ئالتۇننىڭ سىنى كەتمەس. كۈل رەڭ پاختەك تۈكى رەڭگىگە ئوخشايدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئەپ، پەم، يول، ئىشنىڭ ئېپى _ جېپى. مەسىلەن: بۇ ئىشنىڭ سۈرىگە كىرىۋالدى _ ئىشنىڭ ئېپىنى تېپىۋالدى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سۈرمەك، قوغلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۇزلاپ، ياكى ئىسلاپ قورۇتۇلغان.
سۈر گۆش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئەپ، پەم، يول.
ئىشنىڭ سۈرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قورقۇنچ، ۋەھىمە.
سۈر باسماق.
سالاپەت.
سۈرى بار ئادەم.