Uyghur主要词典
سۈپەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ خىسلىتى، خۇسۇسىيىتى.
ئۆگىنىشتە سان ئەمەس، سۈپەت مۇھىم. مۇھىمى مالبىڭ سانى ئەمەس، ساپاسى. سانى بار، ساپاسى يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى، بەلگىسى.
سان، ساناق
شەيئىلەرنىڭ مىقدارى، ئەدىدى.
ساماندا كەتكەن دان ساندا يوق. سانى بار، ساپاسى يوق. سۈپەت بىرىنچى. قارىغۇ جۇۋاۋا يەيدۇ، سانى كۆڭلىدە تۇرىدۇ. نادان دوستنى ساناققا قوشما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<پەلس> شەيئى، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ خاراكتېر جەھەتتە باشقا شەيئى، ۋەقە ۋە ھادىسىلەردىن پەرقلىنىدىغان ئۆزىگە خاس مۇئەييەنلىكى.
ساننىڭ سۈپەتكە ئايلىنىشى. سۈپەت ئۆزگىرىشى.
ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ ئىجابىي - سەلبىي خۇسۇسىيىتى، پەزىلىتى، خىسلىتى.
ئادەمنى پەسلەشتۈرىدىغان سۈپەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق ۋە يالغانچىلىقتۇر.
مال، مەھسۇلات ياكى بىرەر ئىشنىڭ ياراملىقلىق دەرىجىسى ياكى تەلەپ، ئۆلچەمگە قانچىلىك دەرىجىدە لايىق كېلىدىغانلىقى بەلگىلەپ بېرىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى.
مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرمەك.
<تىل> شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە بەلگىسى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆز.
تۈپ سۈپەت. ياسالما سۈپەت. نىسپىي سۈپەت. سۈپەت دەرىجىسى.
باش كېلىشتىكى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ <ئوخشايدىغان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاي سۈپەت.
باش كېلىشتىكى بەزى ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ <سالاھىيىتىدە>، <نامىدا>، <ئورنىدا> دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
رەھبەر سۈپىتىدە گەپ قىلماق.
بۇ يەردە مېھمان سۈپىتى بىلەن تۇرۇۋاتىمەن.