Uyghur主要词典
سۈكەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال چىۋىقتىن ياكى سىمدىن توقۇلغان، ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەر سېلىپ قويۇلىدىغان، توشۇلىدىغان سايمان.
«تەۋەڭ» ياپىلاق بولىدۇ.
«كاجىۋا» ئاساسەن ئات - ئۇلاغقا ئارتىپ، ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سۈكەندە ئاش، كاجىۋادا باش. توكاڭ ئاشلىققا تولۇق. ئاشنى باراڭدىن سوراڭ، ئىشنى كارداندىن. باينىڭ كۆشۈكىدە سۇ توختايدۇ. تەۋەڭلەردە نان تىزىلغان. زەمبىلدە ئوغۇت توشۇدۇق.
شىۋىلەر
« خاپان » غا ئوخشاش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۇكەن.
1 - 524
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېشەك ۋە شۇ قاتارلىق ئۇلاغلارغا ئارتىش ئۈچۈن خورجۇنغا ئوخشاش قىلىپ تالدىن توقۇلىدىغان چوڭ سېۋەت، توكاڭ.
ئۈگۈت قۇيۇش ئۈچۈن تۈگمەن تېشىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان، ئاغزى كەڭ تېگى تار، كۈرە شەكلىدە ياسالغان ساندۇق.