Uyghur主要词典
سۈي مولار
دۇنيا تارىخى
ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي - شىمالىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى ئىرقلارنىڭ بىرى. مولار دەسلەپتە جۇڭگونىڭ <ماۋچاڭ - ماۋخېڭ نەزمىلىرى>، <نەسىرنامە>، <مۇھاكىمە ۋە بايان> قاتارلىق كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن؛ سۈي دەسلەپتە <جۇ سالنامىسى>، <لۈي بۇۋىي يىلنامىسى> قاتارلىق ھۆججەتلەردە كۆرۈلگەن. <تارىخنامە> دە بۇ ئىككىسى قوشۇلۇپ، سۈي - مولار دەپ ئاتىلىىپ، ئومۇمەن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال، چاۋشىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ. سۈي - مولار تونگۇس تىلى سىستېمىسىغا كىرىدۇ. مولار ئورمانلىق، ئېدىرلىقلاردائولتۇراقلاشقان، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان، قوشۇمچە تۆۋەن سەۋىيىدىكى دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.سۈيلەر دېڭىز ياقىسى ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۆپىنچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قوشۇمچە تۆۋەن سەۋىيىدىكى بېلىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋې پادىشاھلىقى. شەرقىي ئەللەر تەزكىرىسى>دە خاتىرلىنىشىچە، بۈيۈك كۇرى، ۋۇجۇجيې قاتارلىق كىشىلەر مولار ئارىسىدىن چىققان. مەزكۇركىتابتا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى قىسمىدا (جياڭيۇەنداۋ ئەتراپى)ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى ئاھالە سۈي، مولار دەپ ئالايىتەن كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.