Uyghur←Chinese主要词典
سۈي جۇڭشيەن
دۇنيا تارىخى
崔忠献
cuī zhōng xiàn
(؟ - 1219) چاۋشىيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ زالىم ۋەزىرى، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى. 1174 - يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 4 - يىلى) ئەمىر - لەشكەر چى جۇچىڭغا ئەگىشىپ، شىجىڭدىكى جاۋۋېيشيەن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تونولۇشتا باشلىغان. 1176- يىلدىن باشلاپ جىئەندۇڭ مەھكىمىسىنڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى، چىڭشاڭجۇداۋنىڭ تەپتىشى بولغان. 1185 - يىلدىن باشلاپ مەركىزىي ھۆكۈمەتتە باتۇرلارنىڭ كەپتاۋۇلى، قوۋۇق ياساۋۇلخانىسى كەپتاۋۇلى، سانغۇن قاتارلىق ھەربىيئەمەللەرگە تەيىنلەنگەن. 1170، 1173 - يىللاردىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 1961 - يىلى ئۇكىسى جۇڭ سۇي بىلەن بىرلىشىپ،لى يىمىننىڭ ئوغلى لى جىچۇن، لى جىڭۋاڭنى مەغلۇپ قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى تازىلاپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىپ، ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ، مىڭ زۇڭ، شېن زۇڭ، شى زوڭ، گاۋ زۇڭنى بىكار قىلىپ، جايلاردىكى دېھقانلار، قارا قوساقلار، قۇل - دېدەكلەر قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ، سۈي جەمەتى ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان.