Uyghur←Chinese主要词典
سۇدرا
ئۇنىۋېرسال
首陀罗
shǒu tuó luó
دۇنيا تارىخى
首陀罗
shǒu tuó luó
ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ تائىپىنىڭ تۆتىنچىسى. ئادەتتە، ئاساسىي جەھەتتىن ئارىيانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك ئاھالە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، كېيىن ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن نامرات ۋائىزا تائىپىسىدىكىلەرنىڭ ئورنىمۇ كۈنسايىن سۇدرا تائىپىسىگە يېقىنلاشقان. ئاساسىي كەسپى <تۆۋەن دەرىجىلىك>قول - ھۈنەرۋەنلىكتىن باشقا، يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يۇقىرى تائىپىلەر ئۈچۈن مەجبورىي خىزمەت قىلغان، ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان، كەمسىتىلگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلام ئاھالە (4 - دەرىجە) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى سۇدرالار قۇل بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىلا سۇدرالار قول بولغان ئەمەس (قەدىمكى ھىندىستاندا قۇللارنى <داسا> دەپ ئاتايدۇ). بەزى ئالىملار سۇدرالارنى قۇللار دەپ قارايدۇ.