Uyghur←Chinese主要词典
سۇدا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
水生植物
shuǐshēngzhíwù
پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى ياكى بىر قىسمى سۇغا چۆكۈپ تۇرىدىغان، سۇ مۇھىتىدا ياساشقا ماسلاشقان ئۆسۈملۈكلەر، يۈسۈنلەر، زەمبۇرۇغلار، پاپورتنىكلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇدا ياشايدىغان تۈرلىرى بار. سۇدا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر سۇغا ماسلىشىشچانلىقنىڭ ئوخشىماسلىقىغائاساسەن تۆۋەندىكىلەرگە بۆلۈنىدۇ: (1) سۇغا چۆكۈپ ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى سۇغا چۆكۈپ تۇرىدۇ، سۇ ئاستىغا مۇقىملىشىدۇ؛ يوپۇرمىقى نېپىز بولۇپ، كۆپىنچە يىپسىمان، تاسمىسىمان ياكى ئازراق تۆمۈنسىمان بولىدۇ، يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ دىۋاېى ئادەتتە قېلىنلاشمايدۇ، مۈڭگۈزلەشمەيدۇ، ھاۋا تۆشۈكى بولمايدۇ، سۇ، سۇا ئېرىگەن ھاۋا ھەمدە مىنېرا ماددىلارنى بىۋاستە سۈمۈرىدۇ؛ ھۈجەيرە قەۋەت سانى ئاز، ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقى تەرەققىي قىلغان، قاناللار توقۇلمىسى ۋە يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ. مەسىلەن، قېرىقئوت. (2) سۇدا لەيلەپ ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر، يوپۇرمىقى سۇ يۈزىدە لەيلەپ، غول ۋە يىلتىزى ۋە سۇ ئىچىدە ئېسىلىپ تۇرىدۇ ياكى يىلتىزى سۇ ئاستىغا مۇقىملىشىدۇ؛ يوپۇرمىقىنىڭ تۈزۈلۈشى بىر ئاز مۇرەككەپ بولۇپ لەيلىگۈچى يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستۈنكى ئېپىدىرمىسى پارقىراق، دىۋارى قېلىنلاشقان ھەم مۈڭگۈزلەشكەن ھاۋا تۆشۈكى ئۈستۈنكى ئېپىدىرمىسىغا تارقالغان بولىدۇ. مەسىلەن، سۇ ياڭىقى. (3) سۇدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، سۇ ئاستىدىكى تۇپراقتا يىلتىز تارتىدۇ. بىر قىسىم غول ۋە يوپۇرمىقى سۇدىن چىقىپ تۇرىدۇ؛ غول ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاساسەن قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ، پەقەت ھاۋا يولىلا بىر ئاز تەرەققىي قىلىدۇ. مەسىلەن نېلۇپەر.