Uyghur主要词典
سۇ چىقىدىغان سىرلىق بۇلاق
يەر شارىدىكى سىرلار
ئېلىمىزنىڭ خۇنەن ئۆلكىسى سىلى ناھىيىسى فۇلۇڭشەن تېغىنىـڭ ئېتىكىدىكى ھاكتاش جىنسلىق غاردا ئاجايىپ بـىـر بـۇلاق بـار. ھەر يـىـلـى يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەندە، بۇلاققا تۆت ئەتراپىدىن توختىماي سۇ كىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن بىر تامچە سۇمۇ ئېقىپ چىقمايدۇ. ھالبۇكى، گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلانسىلا بۇلاق سۈيى شارقىراپ سىرتقا ئاقىدۇ، گۈلدۈرماما ئاۋازى توختىشى بىـلـەنلا بۇلاق سۈيىمۇ ئېقىشتىن توختايدۇ. ياز پەسلى كەلگەندە، فۇلۇڭشەن تېغىدىكى باشقـا جايلار ھەرقانچە ئىسسىق، ھەرقانچە قۇرغاق بولسىمۇ، بـۇ بـۇلاقنىڭ ئەتراپىدىكى سالقىن ھاۋا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، ئادەم بۇلاقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ۋارقىرىسىلا سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېقىپ چىـقـىـدۇ. بـەزىـلـەر بـۇ جايدىن ئېرىق قېزىشنى ئويلىغـان، بـىراق، ئاۋاز ئاڭلىماي تۇرۇپ بۇ غەلىتە بۇلاقتىن سۇ چىقـمـىـغاچـقـا، ئۇلار نىيىتىدىن يانغان.
گېئولوگلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل «ئاۋازنى ئاڭلىسا سـۇ چىقىدىغان بۇلاق» «ئاۋازدىن تەۋرىنىدىغان بۇلاق»نىڭ بىر خىلى ئىكەن. بۇ بىـر خـىـل كاپىلليارلىق ھادىسە بولۇپ، ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تىترىتىـشـى ۋە مـۇرەكـكـەپ گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ۋەھالەنكى، بۇنى تېـخىـمـۇ ئەتراپلىق ۋە توغرا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتـقىق قىلـشقا توغرا كېلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。