Uyghur主要词典
سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپ
پسىخولوگىيە
بۇ پەلسەپە ئاتالغۇسى، سۇبيېكتىپ بىلگۈچىنى، ئوبىيېكت سۇبىيېكتكە قارشى ھالدىكى ئوبيېكتىپ دۇنيانى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئوبىيېكت سوبيېكتنىڭ بىلىش ۋە پائالىيەت ئوبىيېكتى. دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم سۇبيېكت بىلەن ئوبىيېكىتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى پەقەت بىلىش دائىرىسىدىلا مۇتلەق مەنىگە ئىگە. ئوبيېكىت سۇبيېكتكە تايانمىغان ھالدا مەۋجۇت، لېكىن ئوبيېكىتكە قارىمۇ قارشى بولغان سۇبيېكىت دۇنياغا پاسسىپ ھالدا ماسلاشماستىن بەلكى ئوبىيېكىتىپ دۇنيانى ئەمەلىيەت ئارقىلىق پائالىيەتچانلىق بىلەن بىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئىدىئالىزم ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە قاريدۇ. مەسلەن: لۇجۇيۈەن « ئالەم كۆڭلۈم دېمەك، كۆڭلۈم ئالەم دېمەكتۇر» دەيدۇ. گېگىل سۇبيېكتىپ مۇتلەق ئىدىيە، تەبىئەت ئۇنىڭ غەيرىلەشكىنى، يەنى سۇبيېكت بولمىسا، ئوبيېكت بولمايدۇ، سۇبيېكتتىن ئوبىيېكت ھاسىل بولىدۇ. دەپ قارايدۇ. ئۇلار سۇبيېكت بىلەن ئوبيېكتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ۋە سۇبيېكتنىڭ رولىنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپتۈرۇۋەتكەن. مېخانىك ماتېرىيالىستلار ئوبيېكتنىڭ سۇبيېكىتكە تايانمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن سۇبيېكىتنىڭ ئوبيېكتقا قارىتا بولغان پائالىيەتچانلىق رولىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭمۇ خاتا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。