Chinese→Uyghur主要词典
苏比克湾
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سۇبىك قولتۇقى
فىلىپپىندىكى لوسۇن ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان مۇھىم پورت قولتۇق. شەرقى ماياگائو، غەربى بىنىكتىكان تۇمشۇقىغىچە سوزۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر، كەڭلىكى 8-13 كىلومېتىر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 24-50 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ جايدا ئا ق ش 1901 - يىلى چوڭ تىپتىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرغان. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى كېيىن بۇ بازىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.