Uyghur←Chinese主要词典
ستروڭ
دۇنيا تارىخى
斯特朗
sī tè lǎng
(1885 - 1970). ئامېرىكىلىق ئايال مۇخبىر ۋە يازغۇچى. نېبراسكا شتاتىنىڭ فلاند شەھىرىدىكى پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1908 - يىلى چىكاگو داشۆسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ياش ۋاقتىدىلا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە كىرىشكەن. 1921 - يىلى سوۋېت روسىيىسىنى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان. 1925 - يىلى جۇڭگونى بىرىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان. 1928 - يىلى <جۇڭگودىكى مىليونلىغان ئامما> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىىپ، جۇڭگو خەلقنىڭ كۈرىشىنى تونۇشتۇرغان.ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگوغا يەنەئىككى قېتىم كەلگەن، 1938 - يىلى <ئىنسانىيەتنىڭ بەشتىن بىرقىسمى>نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنى ۋە ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنى تەشۋىق قىلغان. 1946 - يىلى جۇڭگوغا بەشىنچى قېتىم كەلگىنىدە، يەنئەننى زىيارەت قىلغان. 1947 - يىلى چاتما خەۋەر <جۇڭگودا سۈبھى كۆرۈندى> نى ئېلان قىلغان. 1947 - يىلى يەنە <جۇڭگولۇقلار جۇڭگونى بويسۇندۇردى> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى تەسۋىرلىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان، 1955 - يىلى گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 1958 - يىلى جۇڭگونى ئالتىنچى قېىم زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. <ستالىن دەۋرى> قاتارلىق ئەسىرى بار.