Uyghur←Chinese主要词典
سترالسۇند سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى斯特拉尔松和约
sī tè lā ěr sōng hé yuē
1370 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دانىيە بىلەن خانسا ئىتتىپاقى سترالسۇند (سابىق دېموكراتىك گېرمانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بالتىق دېڭىزىغا يېقىن)تا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1367 - 1370 - يىللاردا دانىيە خانسا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدا ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىزدا سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولۇشىغا قارشى تۇرغان. نەتىجىدە دانىيە ئۇرۇشتامەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ تەلەپ قىلشقا مەجبور بولغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، خانسا ئىتتىپاقى دانىيەدە ئەركىن سودا قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان ھەمدە ئورېسۇند بوغۇزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ھالسىنبۇرگ، مالمو قاتارلىق تۆت شەھەرنى 15 يىللىق ئىگىلىگەن؛ دانىيە خانسا ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يېڭى كورۇل سايلىمايدىغان بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。