Uyghur←Chinese主要词典
ستىلۋېل
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
斯蒂尔韦尔
sī dì ěr wéi ěr
دۇنيا تارىخى
史迪威
shǐ dí wēi
(1883 - 1946) ئامېرىكىلىق گېنېرال. 1904 - يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ھەربىي ئوقۇتقۇچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگودا خەنزۇتىلى ئۆگەنگەن. 1921 - 1923 - يىللىرى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيسىنىڭ ئەمەلدارى، 1925 - يىلى ئامېرىكىنىڭ تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنىڭ شتاب باشلىقى، 1932 - 1939 - يىللىرى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى، 1942 - يىلى 1 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو - بېرما - ھىندىستان رايونىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى،جۇڭگوغا ئىجارىگە بېرىلگەن ماددىي ئەشيالارنى بىر تۇتاش باشقۇرغۇچى، جۇڭگو ئۇرۇش رايونى قوماندانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە شتاب باشلىقى بولغان. يۈننەن - بېرما يولى تەمىنات لىنىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرمىغا ئەسكەر باشلاپ كىرىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلغان. ئۇرۇش قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئىجارىگە بېرىلگەن ئەشيالارنى تەقسىم قىلىش جەھەتلەردە جياڭ جيېشى بىلەن جېدەللىشىپ قالغانلىقتىن، 1944 - يىلى 10 - ئايدا دۆلىتىگە چاقىرتىپ كېتىلگەن. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، 6 - ئارمىيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ <ستىلۋېل ھۆججەتلىرى> دېگەن ئەسىرى بار.