Uyghur主要词典
ستاخانوۋچىلىق ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىككىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قانات يايدۇرۇلغان سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسى ھەرىكىتى. دونتىس كان رايونىدىن باشلىنىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچى، كۆمۈر قازغۇچى ئىشچى ستاخانوۋ (1906 - )نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ستاخانوۋ پىداكارانە ئەمگەك پوزىتسىيىسى ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق، ئەمگەك تەشكىلىنى ۋە كۆمۈر قېزىش تېخنىكىسىنى ياخشىلىغان، ئۇ 1935 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بىر سېمىنىدا شامال ئۈسكىنىسى ئارقىلىق 102 توننا كۆمۈر قېزىش رېكورتىنى يارىتىپ، نورما(7 توننا)دىن 13.5 ھەسسە ئاشۇرۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىش ئىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى كەسپلەرگە تېز تارقالغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پائال تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا تەرەققى قىلىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئاممىۋى ھەرىكىتىگە ئايلانغان.