Uyghur←Chinese主要词典
سېتاتىرات
دۇنيا تارىخى
塞塔提腊
sāi tǎ tí là
(1534 - 1571) لائۇسنىڭ نەنجاڭ پادىشاھى (1548 - 1571). 1545 -يىلى ئاتىسى پوتىسارارات (Photisararat، 1520 - 1547 - يىللاردا تەختتە تۇرغان) تەرىپىدىن چىڭمەي (بۈگۈنكى تايلاندنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) بەگلىكنىڭ پادىشاھى قىلىپ تۇرغۇزۇلغان. 1558 - 1559 - يىللىرى بېرما پادىشاھى مانيىڭلوڭ بىلەن چىڭمەينى تالاشقاندا مەغلۇپ بولغان. 1563 - يىلى پايتەختنى لۇئاڭ - پراباكتىن ۋيېنتىيانېغا كۆچۈرگەن ھەمدە قاشتاش ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ئىبادەتخانىلارنى ياسىغان، مەشھۇر تالون ئىبادەتخانىسىنى رىمنوت قىلدۇرغان. بىرمانىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1565 - يىلى ۋە 1570 - يىلى، بېرما قوشۇنلىرى ۋيېنتىيانېنى ئىككى قېتىم ئىشغال قىلىۋالغاندا، ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان. 571 - يىلى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.