Uyghur主要词典
سىستېما
بىئولوگىيە
جانلىقلار تېنىدىكى مۇئەييەن مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، فۇنكىسىيىسى جەھەتتە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بەلگىلىك ئۈزۈلۈكسىزلىك بىلەن فىزىئولوگىيىلىك رولنى ئورتاق تاماملايدىغان ئورگانلاردىن ھاسىل بولغان بىر يۈرۈش تۈزۈلۈش، مەسىلەن، ئېغىز بوشلۇقى، قىزىلئۆڭگەچ، ئۈچەي ۋە ھەر خىل ھەزىم قىلىش ئورگانلىرى ئورگانىك ھالدا بىرلىشىپ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئورگانلار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇقىنى سۈمۈرۈشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى بىرلىكتە تاماملايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار (ياكى ئادەملەر) نىڭ تېنىدە نۇرغۇن سىستېما بولىدۇ. مەسىلەن، تېرە سىستېمىسى، سۆڭەك سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ئايلىنىش سىستېمىسى، چىقىرىش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى قاتارلىقلار. بۇ سىستېمىلار نېرۋا سىستېمىسى بىلەن ئىچكى ئاجراتمىلار سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن باغلىنىپ، ئۆز ئارا ماسلاشقان ھالدا ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
تەركىبىي قىسىملارنىڭ ئۆزئارا ئورگانىك باغلىنىپ، پىلانلىق رەۋىشتە جايلىشىشىغا ئاساسلانغان تەرتىپ.
ماددا سىستېمىسى. تىل سىستېمىسى.
ئوخشاش تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتتە تەشكىللىنىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن پۈتۈنلۈك.
>بىئول< كلاسسىفىكاتسىيە.
>پەلس< بىرەر تەلىماتقا ئاساس بولىدىغان قائىدىلەر، كۆز قاراشلار ۋە پرىنسىپلار يىغىندىسى.
بىرەر ئىشنىڭ مېتودلىرى ۋە تەرتىپ - ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسى.
داۋالاش سىستېمىسى.
ئومۇمىي بەلگىلىرىگە قاراپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئېلېمېنتلار، بىرلىكلەر گۇرۇپپىسى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى سىستېمىسى.
ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسىملاردىن، ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان پۈتۈنلۈك.
قۇياش سىستېمىسى.
ۋەزىپىلىرىگە قاراپ تەشكىلىي جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان مۇئەسسەسەلەر يىغىندىسى.
خەلق مائارىپى سىستېمىسى.
ۋەزىپىلىرىگە قاراپ ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان مۇئەسسەسەلەر يىغىندىسى.
خەلق مائارىپى سىستېمىسى.
بىر مەقسەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۈسكۈنە، ماشىنا، مىخانىزم ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان يىرىك تېخنىكىلىق قۇرۇلما.
ئىسسىتىش سىستېمىسى.
بىرەر ئىشنى تەشكىل قىلىش ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش فورمىسى.
سايلام سىستېمىسى.
ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش فورمىسى.
سوتسىيالىستىك سىستېما.
>گېئول< يەر قاتلاملىرىنىڭ سېرىيىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى، گۇرۇپپىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان ئاساسىي دەۋر قاتلام بىرلىكى.
>گېئول< بىر قاتار ئېلېمېنتلارنىڭ مۇقىم بىرلەشكەن گەۋدىسى.