Uyghur主要词典
سېسىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سېسىق پۇراق چىقارماق، سېسىق ياكى يېقىمسىز ھىد پەيدا قىلماق.
پوقنى تەپسەڭ سېسىيدۇ (ماقال).
سېسىق پۇراققا، ھىدقا تولماق.
ئۆينىڭ ئىچى سېسىپ كېتىپتۇ.
ئۆزگىرىپ، ئاينىپ، پۇراپ قالماق ياكى بۇزۇلۇپ قالماق، چىرىماق.
ئاشۇ ئىسسىق كۈنلەردە كۆكتات ئىككى - ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالسىلا بىردىنلا سېسىشقا باشلايتتى.
كۆچمە. بىرەر ئەسكى ئىشنى قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەر ئارىسىدا يۈزى تۆكۈلمەك، نەزەردىن چۈشمەك؛ سەت كۆرۈنمەك.
ئۇ ئايال شۇ ئىشى بىلەن سېسىغاندىمۇ ئاجايىپ سەت سېسىپ كەتتى.