Uyghur←Chinese主要词典
سىرتقى گورمونلار
بىئولوگىيە
外激素
wàijīsù
<فېرومون> ياكى خەۋەرچى ماددا (messages) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر خىل ھاشارات ئىندىۋىدىنىڭ ئالاھىدە بەز تەنچىسىنىڭ بەدەن سىرتىغا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان، ئوخشاش تۈردىكى (بەزىدە غەيرىي تۈردىكىلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ) ھاشاراتلارنىڭ باشقا ئىندىۋىدلىرىنىڭ ھەرىكەت، يېتىلىش، كۆپىيىش قاتارلىقلىرىغا تەسىر قىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلار بولۇپ، ھاشاراتلارنىڭ ئىندىۋىدلار ئارا ئالاقىلىشىدىغان خىمىيىلىك خەۋەرچىسى. فېرومونلار ھاۋادا تارقىلىپ باشقا ھاشاراتنىڭ بەدەن سىرتىدىكى رېتسىپتورلىرىدا قوزغىلىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغۇزىدۇ. مەسىلەن، ئۆي پىلىسى ئەركەك پەرۋانىسىسنىڭ بىر ئانتېننىسىدە 16 مىڭ دانە رېتسىپتورى بولۇپ، چىشى پەرۋانە ئاجراتقان ناھايىتى تۆۋەن كونسېنتراتسىيىسىكى فېرومونغا رېئاكسىيە پەيدا قىلالايدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان ھاشارات سىرتقى گورمونلىرىدىن جىنسىي تورمۇزلاش فېرومونى، جىنسىي فېرومون، توپلىنىش فېرومونى، ئىز قالدۇرۇش فېرومونى، ئاگاھلاندۇرۇش فېرومونى قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئانا ھەرە (پادىشاھ ھەرە) تاڭلاي بېزى ئاجراتقان گورمون ئىشچى ھەرە تۇخۇمدانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تومۇزلىيالايدۇ؛ چىشى تۈن پەرۋانىسىنىڭ قورساق قىسمىدىكى ئالاھىدە بېزى ئاجراتقان ئېستېر خىلىدىكى ماددىلار ئەركەك پەرۋانىنى چېتىشىشقا جەلپ قىلالايدۇ؛ ئاق چۈمۈلە ۋە چۈمۈلىلەر ئاجراتقان ئىز قالدۇرۇش فېرومونى كەينىدىكى ھاشاراتلارنى ئوزۇق ئىزدەشكە باشلىيالايدۇ؛ بەزى ھاشاراتلار دۈشمىنىگە يولۇققاندا يەنە ترېۋوگا فېرومونى تارقىتىپ باشقا ھاشاراتلارنى قاچۇرۇۋېتەلەيدۇ. نۆۋەتتە زىيانداش ھاشاراتلاردىن ئالدىن مەلۇمات ۋە ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ھاشاراتلارنىڭ سىرتقى گورمونلىرى ۋە ئۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماددىلار كەڭ تۈردە تەتقىق قىلىنماقتا ۋە قوللىنىلماقتا.