Uyghur主要词典
سېرىقتال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇلتۇرقى ئاشلىق تۈگەپ قالاي دېگەن، بۇ يىلقى يېڭى ئاشلىق ئېلىنمىغان ئارىلىق.
سېرىقتالدا ئەر سارغىيار. سېرىقتال ۋاقتىدا كەمبەغەلنىڭ كۈنى تەس. ئۈزۈكچىلىكتە كەلگەن مېھمان ئوغرىدىنمۇ يامان. ئارىسال ۋاقتى كېلىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سېرىق + تال
ئى. دانلىق زىرائەتلەرنىڭ پىشىش ئالدىدىكى دېنى قېتىپ، غول ۋە يوپۇرماقلىرى سارغايغان ھالىتى.
بۇغداي سېرىقتال بولدى.
سۈپ. دېھقانلارنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى ئاخىرلىشىپ ۋاقىتلىق ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولغان، قىيىنچىلىق تۇغۇلغان.
ئەزالار ئۈچۈن سېرىق قوناقنىڭ زاغرىسى تۇتىيا بولىدىغان سېرىقتال ۋاقتىمۇ يېقىنلاشماقتا ئىدى.
سۈپ. كۆچمە. باياشات ئەمەس، ئۇتتۇرلۇق.
سېرىقتال كۈن ئالماق.