Uyghur←Chinese主要词典
سېرىق لايىھە
دۇنيا تارىخى
黄色方案
huáng sè fāng àn
فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ غەربىي ياۋرۇپاغا ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەربىي پىلانىنىڭ شەرتلىك بەلگىسى. 1939 - يىلى كۈزدە گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، گىتلېر غەربىي سەپتە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابى بۇ لايىھەنى تۈزۈپ چىققان.بۇنىڭدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ئوڭ قاناتقا قويۇش، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگدىن ئۆتۈپ ئەنگلىيە بوغۇزىنى بويلاپ فرانسىيىنىڭ شىمالىنى ئىشغال قىلىش ھەمدە ئۇ يەرنى ئەنگلىيىگە دېڭىزدىن، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش بازىسى قىلىش پىلانلانغان. گىتلېر ئۇنى 1939 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىجرا قىلىشنى بويرۇغان، لېكىن ئۇ قايتا - قايتا كىچىكتۈرۈلگەن. 1940 - يىلى 2 - ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابى گىتلېرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بۇ لايىھەنى تۈزەتكەن. يېڭى لايىھىدەگېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئوتتۇرىدا مېڭىپ، برونىك قىسىملار بىلەن ئادېن رايونىدىن بۆسۈپ كىرىش، ئاندىن توپتوغرا ئەنگلىيە بوغۇزىغا قاراپ ئىلگىرلەپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە چېگرىسىدا قورشاپ يوقىتىش بەلگىلەنگەن. 1940 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى مۇشۇ لايىھە بويىچە غەربىي سەپتە ھۇجۇم باشلىغان.