Uyghur←Chinese主要词典
سېرىق كاككۇك زىغىرى
بىئولوگىيە
大金发鲜
dàjīnfàxiān
سېرىق كاككۇك زىغىرى ئائىلىسگە كىرىدۇ. ئۇ چوڭ تىپلىق، مۇخسىمان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، توم، رەڭگى توق يېشىل، قېرىغاندا سارغۇچ يېشىل بولىدۇ، دائىم توپلىشىپ ئۆسۈپ كەڭ دائىرىدىكى تۈركۈمنى ھاسىل قىلىدۇ. غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلانمايدۇ، ئەگرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى غول ئۈستىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆۋەنلىگەنسېرى شالاڭلىشىدۇ ھەم كىچىكلەپ بارىدۇ، تۆۋەندىكى يوپۇرماق تەڭگىسىمان بولىدۇ: يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋى غىلاپسىمان، ئۈستى تۈمۈنسىمان بولۇپ، گىرۋىكىدە زىچ جايلاشقان چىشى بولىدۇ، ئوتتۇرا تومۇرى ئېنىق، ئۇچى يىڭنىسىمان بولىدۇ، تۆۋەنكى تەرىپىدە كۆپلىگەن بوغۇم ياپراقچىلىرى ئۆسىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ. غوزەك سېپى ئۇزۇن، قارامتۇل بولۇپ، غوزەك قالپىقىنى قارامتۇل قىزىل تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. سپورا غوزىكى قارامتول قىزىل بولۇپ، تۆت قىرلىق قىسقا تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە تاغلىق رايونلارغا تارقىلىدۇ. دائىم كىسلاتا خاراكتېرلىك يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلىق ھەمدە سازلىق رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورا قىلىنىدۇ، زەھەرنى قايتۇرۇپ قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۆسۈملۈك
金发藓
jīn fà xiǎn