Uyghur主要词典
سېرىق يۆگەي
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، سېرىق يۆگەيگە
ئۇرۇقداش، يۆگىشىپ ئۆسىدىغان تەييارتاپ ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەخمىنەن بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆسىدۇ؛ غولى ئىنچىكە، ئاجىز بولۇپ، يىپقا
ئوخشايدۇ. رەڭگى بېغىر رەڭ سېرىق كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى يىگلەپ، سېرىق تەڭگىسىمان يوپۇرماققا ئايلانغان؛ گۈلى قوش جىنسلىق، رەڭگى
ئاق، بىرمۇنچىسى شار شەكلىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ، غوزا مېۋىسى يالپاقراق شار شەكلىدە بولۇپ، ئىچىدە ئىككى ~ تۆت دانە قوڭۇر ئۇرۇقى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى پىشقاندا ئۇرۇقىنى ئايرىم، چۆپىنى ئايرىم يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتلاق ۋە ئېتىزلىقلاردا
پۇرچاق، بېدە قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غوللىرىدا تەييارتاپلىق بىلەن ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش، مۇسپىيلىكنى كۈچلەندۈرۈش، ئىچ
سۈرۈشنى توختىتىش، ھامىلىنى ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 16 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى 12 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 20 گرام پىچەكگۈل بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، بەل،
پۇت ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل سېرىق يۆگەيتىن 2 ~ 4 گرامنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى، ئالقات، نېلۇپەر ئۇرۇقى، پىچەكگۈللەردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن
پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
40- 30 گرام سېرىق يۆگەينى 450 گرام يېڭى سېغىلغان سۈتكە چىلاپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 60 مىللىلىتىر سىركەنجىۋىل قوشۇپ بىر ھەپتە ئۇدا
ئىچىپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
سېرىق يۆگەيدىن 18 گرام، ۋاسالغۇ (قۇرۇتۇلغان ئۈجمە) دىن 30 گرام ئېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈزۈپ ئىچىپ بەرسە، مالىخولىياغا ۋە
غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
21 گرام سېرىق يۆگەينى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، مالىخولىيا، ساراڭلىق ۋە سەۋدا
كۆيگەنلىكتىن بولغان كېسەللەرگە ھەم سوغۇقتىن بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىق يۆگەينى ئەمەن ۋە ئاچچىقتاۋۇز يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەرخىل نېرۋا كېسەللىكى ۋە سەۋدا كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سېريىق يۆگەينى بىر - ئىككى قاينىتىپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، سۈزۈپ گۈلقەنت بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ
بەرسە، بۇزۇلغان خىلىتلارنى تازىلايدۇ.
سېرىق يۆگەينى ئۈستقۇددۇس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، مېڭىنى تازىلايدۇ.
30 گرام سېرىق يۆگەينى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئازراق قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، پەي تارتىشىش ۋە قاتتىق جاراھەتلەرنىڭ
ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى 20 گرام، كەتىرا، 12 ئېرىتىلگەن ئېشەكيېلىمى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بويىدىن
ئاجراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى سېرىق يۆگەي ئۇرۇقىنى تەڭ مىقداردا ئالقات، مالىنا، ئەينۇلا، جىنكېۋىزى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئۈچ بۆلۈپ ئىچىپ
بەرسە، بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىق يۆگەي مايسىسىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بالىلارنىڭ باش - يۈزىدىكى چاقا ۋە ئىسسىقتىن بولغان يەلتاشمىلارغا
ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سېرىق يۆگەي سېرىق ئوت، ئەپتىمۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېرىق يۆگەي يۆگىمەچگۈل ئائىلىسىدىكى پارازىت ئۆسۈملۈك. ياز كۈنلىرى سويا پۇرچاق ئېتىزلىرىغا بارغاندا، دائىم يېشىل رەڭلىك پۇرچاق شاخلىرىغا چىرمىشىۋالغان ساپسېرىق ئىنچىكە يىپچىلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مانا بۇلار ئاتاقلىق سېرىق يۆگەيدۇر. ئۇ ئەگەر يامراپ كېتىپ قالسىلا، سويا پۇرچاقلار بالادا قالىدۇ.
سېرىق يۆگەينىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى ساپسېرىق، ئاستىدا يىلتىزى يوق، بىر يىللىق سامان غوللۇق پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. ھەر يىلى ئاپرېل، ماي ئايلىرى ئارىلىقىدا ئۇنىڭ ئۇرۇقلىرى بىخلىنىشقا باشلاپ، تۇپراقتىن «كىچىك ئاق يىلان»لاردەك مايسىلىرى بىر - بىرلەپ چىقىشقا باشلايدۇ. مايسىلىرى تۇپراقتىن چىققاندىن كېيىنكى2 −3 ھەپتە ئىچىدە، يەنىلا تۆرەلمە سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، مۇستەقىل ھايات كەچۈرىدۇ. مايسىلىرى سويا پۇرچاق ئېتىزلىقىدا ئوڭ - سولغا ئايلىنىپ، يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ، ئۈستۈنكى يېرىمى يەنە يۆگىلىشىپ كىچىككىنە چەمبەرگە ئايلىنىدۇ. سويا پۇرچاقنىڭ غولىغا يولۇقۇپلا قالسا، چىڭ چىرمىشىۋېلىپ قويۇۋەتمەيدۇ ھەم سويا پۇرچاقنىڭ غولىنى بويلاپ داۋاملىق يۇقىرىغا يامىشىدۇ ھەمدە بارغانسېرى چىڭ چىرمىشىدۇ. سېرىق يۆگەينىڭ ئىنچىكە غولىدا نۇرغۇن پارازىت يىلتىزلىرى بار بولۇپ، ئۇلار سويا پۇرچاقنىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرىنىڭ توقۇلمىلىرىغىچە ئۇزىراپ كىرىپ، سويا پۇرچاق تېنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سېرىق يۆگەي ئۆزىنىڭ تەييارغا ھەييار بولىدىغان پارازىتلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. كېيىن، يەردىكى يىلتىزلىرى ناھايىتى تېز ئۆلۈپ كېتىدۇ، يوپۇرماقلىرى رودىمېنتلىشىپ، يېرىم سۈزۈك كىچىك تەڭگىچە يوپۇرماقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
سېرىق يۆگەينىڭ ئۆسۈپ يامرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئاساسىي غولىدىن يېڭى ئىنچىكە غوللار ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ يېڭى ئىنچىكە غوللار يەنە پارازىت ئىگىسىگە داۋاملىق چىرمىشىدۇ. شۇڭا، بىر تۈپ سويا پۇرچاقتا كۆپ ھاللاردا سېرىق يۆگەينىڭ ناھايىتى كۆپ چىرماشقۇچى ئىنچىكە غوللىرى بولىدۇ.
سېرىق يۆگەي ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە چېچەكلەيدۇ، گۈللىرى كىچىك، توپلىشىپ ئۆسۈپ كاللەكلىشىدۇ. ھەربىر مېۋىسىدە1 ~3 تال ئۇرۇقى بولىدۇ. مېۋىسى كۈز پەسلىدە پىشىدۇ، غوزا مېۋىسى بولىدۇ. بىر تۈپ سېرىق يۆگەي2000 −3000 دانە ئۇرۇق چىقىرىدۇ. بۇ ئۇرۇقلارنىڭ بەزىلىرى يەرگە چېچىلىپ كەتسە، بەزىلىرى سويا پۇرچاقنى يىغقاندا پۇرچاق دانلىرىغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇقى تۇپراقتا4 −5 يىل ھايات تۇرالايدۇ. ئىككىنچى يىلى ئاپرېل - ماي ئايلىرىدا، تۇپراقتا بىخلىنىپ ئۆسۈپ، پارازىت ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ.
سېرىق يۆگەينىڭ تەخمىنەن170 تۈرى بولۇپ، بەزىلىرى سويا پۇرچاقتا، بەزىلىرى زىغىر، ئۇچقۇلاق، بېدە، كېۋەز، تاماكا، ياڭيۇ (بەرەڭگە) ۋە كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بەزى ياۋا ئوت - چۆپلەردە پارازىت ياشايدۇ. ئۈزۈم ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەردىمۇ پارازىت ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ پارازىت ياشىشىدا بەلگىلىك خاسلىق مەۋجۇت. بىر تۈردىكى سېرىق يۆگەي كۆپ ھاللاردا بىر تۈردىكى ياكى بىرنەچچە تۈردىكى زىرائەتلەردە پارازىت ياشايدۇ.
سېرىق يۆگەينىڭ ئۇرۇقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىش، مەنىنى تۇراقلاشتۇرۇپ سۈيدۈكنى تىزگىنلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
بىئولوگىيە
يۆگەيلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق يۆگىشىپ پارازىت ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىنچىكە، يېشىل، سارغۇچ رەڭلەردە بولىدۇ، خالىغان ئورنىدىن سۈمۈرۈش تەخسىسى ھاسىل قىلىپ پارازىت ئىگىسى (مەسىلەن، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، جۇخار گۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، لويلا ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر) گە يېپىشىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىسىمان بولىدۇ. ياكى يوپۇرمىقى بولمايدۇ. گۈل غولىنىڭ يېنىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل سېپى بولىدۇ، گۈل كاسىسى بەشكە يېرىلىدۇ. گۈلتاجىسى ئاق رەڭلىك بولۇپ، بەشكە ئوتتۇرا قىسمىغىچە يېرىلىدۇ؛ ئۇزۇنلىرى گۈل كاسىسىغىچە يېرىلىدۇ؛ ئاتىلىقى بەش دانە، گۈلتاجى ياپراقچىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆسىدۇ. غوزا مېۋىسى يېسى شار شەكىللىك، 2 - 4 دانە كىچىك، قارا بولىدۇ. ئۇ جۇڭگوغا ئەڭ كەڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ۋە ئاسىيادىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. سېرىق يۆگەي زىيانلىق پېلەكلىك ئوت، بىراق ئۇنىڭ ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، سپېرما ۋە يىلىككە مەنپەئەت قىلىش رولى بار؛ ئاساسەن ئەرلىك ئاجىزلىق، ئېھتىلام بولۇش، كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولۇش بەل ۋە تىز ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ، ئۇرۇقىدىن يەنە ماي ئايرىۋېلىنىدۇ.