Uyghur←Chinese主要词典
سېربىيە قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
塞尔维亚起义
sài ěr wéi yà qǐ yì
سېربىيە خەلقىنىڭ تۈركىيەنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ 1804 - 1813 - يىللىرى بولۇپ، قارا گېئورگې رەھبەرلىك قىلغان. موراۋا دەرياسى بىلەن درىنا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى دىئۇمادىيا ئۇنىڭ مەركىزى بولغان. قارا گېئورگې مۇشۇ رايوندا ئىلگىرى گۋاردىيىگە قارشى پارچە - پۇرات كۈرەشلەرنى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن روسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1805 - يىلى 4 - ئايدا قوزغىلاڭچىلار مىللىي پارلامېنت چاقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يەرلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرغاقويغاندا، سۇلتاننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. كۈرەش گۋاردىيىگە قارشى تۇرۇشتىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا ئايلانغان. قوزغىلاڭچىلار بېلگراد، پوشالېۋاسې، سمېدېرېۋو ۋە شاباسې قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. 1806 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلار تۈركىيەنىڭ سۇلتانى سەلىم Ⅲ بىلەن <ئىچىكوپ سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن1807 - يىلى 3 - ئايدا روسىيە بىلەن ھەربىي، سىياسىي ئىتتىپاق تۈزگەن، روسىيە قوشۇنلىرى سېربىيەگە كىرگەن. 6 - ئايدا، قوزغىلاڭچىلار تۈركلەرنىڭ سېربىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قورغىنى - ئۇرىسېنى ئىشغال قىلغان. 8 - ئايدا، روسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇش توختاتقان. 1808 - يىلدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ماجىرايۈزبەرگەنلىكتىن قارا گېئورگېنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنمىغان. 1809 - يىلى ئۇرۇش قايتا پارتلىغان. تۈركىيە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنىتوپلىغان، قوزغىلاڭچى قوراللىق كۈچلەر كامېسى ۋە دېرېگرادتا مەغلۇپ بولغان. 1812 - يىلى 5 - ئايدا روسىيە بىلەن تۈركىيە <بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، سېربىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا يول قويغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركىيە كۆپ ئەسكەر يۆتكەپ قايتا ھۇجۇم قوزغىغان. 1813 - يىلى 10 - ئايدا بېلگراد قولدىن كەتكەن.قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. قارا گىئورگې ئاز سانلىق قىسىملىرىنى باشلاپ، دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ ۋېنگرىيىگە بارغان. ئىككىنچى قېتىملىق قوزغىلاڭ 1815 - 1817 - يىللىرى مېلوشنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان. 1815 - يىلى 7 - ئايدا، قوزغىلاڭچىلار رودنىك، چاچاك، پوشالىۋاسې ھەم كرالېۋو قاتارلىق شەھەرلەرنىئىشغال قىلغان. سېربىيەنىڭ شىمالىي قىسمى ئازاد بولغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سېربىيە بىلەن ئاغزاكى توختام تۈزۈپ، دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دەريا ياقىسىدا ئولتۇراقلاشقان سېربىيىلىكلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا، قورالغا ئىگە بولۇشىغا، باج - سېلىقنى ئۆزلىرى يىغىشقا ھەمدە ئەدلىيە مەمۇرىي ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشىغا، بېلگرادتا مىللىي پارلامېنت تەسىس قىلىشقا يول قويغان.لېكىن تۈركىيە پاترىئارخاللىق ھوقۇق ۋە سېربىيىدە مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. 1817 - يىلى 11 - ئايدا، مىللىي پارلامېنت مېلوشنى سېربىيەنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىدىغان كىنەزلىكىگە سايلىغان. قوزغىلاڭلار سېربلارنىڭ كېيىنكى تولۇق مۇستەقىلبولۇشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن.