Uyghur←Chinese主要词典
سىراكۇز
دۇنيا تارىخى
叙拉古
xù lā gǔ
سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى شەھەر (ھازىرقى ئىتالىيە تەۋەلىكىدە). ئاناپۇسدەرياسى ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا(دەريا ئېغىزىغا تەخمىنەن 2 كىلومېتىر كىېلىدىغان جايغا) جايلاشقان. مىلادىدىن 734 يىل ئىلگىرى، ئارچىيا بىر تۈركۈم كورىنتوس (يۇنان) مۇستەملىكىچىلىرىنى باشلاپ قۇرغان. جايلاشقان ئورنى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئىتالىيە بىلەن شىمالىي ئافرىقا (كارفاگېن) نىڭ قاتناش تۈگۈنىدە بولغاچقا تېز تەرەققىي تاپقان؛ سىراكۇز پورتى مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم سودا پورتى بولۇپ، دېڭىزغا ئۈسۈپ كىرگەن يېرىم ئارال ئورتۇگىيە ئۇنىڭ ئىككى قىسىمغا بۆلۈۋەتكەن، غەربىي جەنۇبىي قىسمى <چوڭ پورت>، شەرقىي شىمالىي قىسمى <كىچىك پورت> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرگىچە (تېئونتۇ Ⅰ زامانىسىدا)، ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. سىراكۇز قەدىمكى شەھىرىگە مۇستەھكەم سېپىل ياسىلىپ، شەھەرنىڭ ستراتىگىيىلىك ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. دەسلەپكى مەزگىلدە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلغان. ھاكىمىيەتنى يەرلەر ئىگىسى ئىگىلىگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 485 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا ئاۋام خەلقنىڭ كۈچى ئۆسۈپ، ئاقسۆڭەك - پومېشچىكلارنى قوغلىغان.ئارقىدىن تىرانىستلار ھاكىمىيىتى بارلىققا كەلگەن. تىران گېلون ھەمدە ئۇنىڭ ۋارىسى خىيرون Ⅰ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى ۋە مىلادىدىن 474 يىل ئىلگىرى، كارفاگېن ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئېترۇرىيىنى ئارقىمۇ ئارقا يەڭگەن، شۇنىڭ بىلەن سىراكۇز غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن 466 يىل ئىلگىرى، دېموكراتىك ھاكىمىيەت فورمىسى قۇرۇلغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىراكۇز ئافىنا ۋە كارفاگېن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، دېموكرتىك كۈچلىرى ئاجىزلاپ كەتكەن، تېئونتۇ Ⅰ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ۋە يېڭىۋاشتىن تىران سىياسىتىنى ئورناتقان. ئۇ قىرىقيىلغا يېقىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ (مىلادىدىن ئىلگىرى 405 - 367)، كۆپ مىقداردا ياللانمائەسكەر قوبۇل قىلىپ، ھەربىي كۈچىنى (بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيىسى كېمىسازلىقىنى)، تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆپ قېتىم كارفاگېننى مەغلۇپ قىلىپ، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇنىڭ ئوغلى تېئۇنىشۇ Ⅱ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىلدە بىر مەھەل قوغلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 344 يىل ئىلگىرى ياكى مىلادىدىن 343 يىل ئىلگىرى كورىنتۇسنىڭ گېنېرالى تىمولىئون (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 337) دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىراكۇزنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا - بالا تېئۇلارنىڭ تىرانلىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. دېموكراتىك ھاكىمىيەت فورمىسى ئەسلىگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە تىران ئاگاتوكلې (مىلادىدىن ئىلگىرى 136 - 289) ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن (مىلادىدىن 317 يىل ئىلگىرى). گېنېرال خيېرون Ⅱ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 306 - 215) سىراكۇزدا <خان> دەپ ئاتالغاندا (تەخمىنەن مىلادىدىن 270 يىل ئىلگىرى باشلانغان) ھەربىي سەپتىن قايتقان بىر تۈركۈم ياللانما ئەسكەرلەر (ئىتالىيىلىكلەر) سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقى شىمالىي تۇمشۇقىدىكى مېسسانا شەھىرىنى بېسىۋالغان. بۇ ئىش پوئېنى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان (مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرى). ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 218 - 201) رىم تاجاۋۇزچىلىرىغا قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مىلادىدىن 212 يىل ئىلگىرى شەھەر قولدىن كەتكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ سىراكۇز ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىپ، سىتسىليىينىڭ مەمۇرىي ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بارا - بارا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى يوقاتقان.