Uyghur←Chinese主要词典
سېرافىموۋىچ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
绥拉菲摩维奇
suí lā fēi mó wéi qíDئىستېتىكا
绥拉菲莫维奇
suí lā fēi mò wéi qí
دۇنيا تارىخى
绥拉菲摩维奇
suí lā fēi mó wéi qí
(1863 - 1949) سابىق سوۋېت يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى پوپوۋ.دون رايونىدىكى نامرات كازاك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1887 - يىلى پېتېربۇرگ داشۆسى ماتېماتىكا فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئىنقىلابىي خىتابنامە تەييارلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن جەريانىدا يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. 1902 - يىلى موسكۋاغا كەلگەندىن كېيىن، گوركىي باشقۇرغان <بىلىم> ژورنىلىنىڭ ماقالە يازغۇچىسى بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ھېكايىلىرىدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن (مەسىلەن، <يەر ئاستىدا>، <ئاچالچى>، <مەرگەن>)،بەزىلىرىدە 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قەھرىمانانە كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن (مەسىلەن، <پرىسنىيىدە>، <كوچىدىكى جەسەتلەر>). 1912 - يىلى ئېلان قىلىنغان <يايلاقتىكى شەھەر>دېگەن رومانىدا، روسىيىدىكى كاپىتارلىزمنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى تەسۋىرلەنگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ر ك پ (ب) گە كىرگەن ھەمدە <ئىجادىيەت>، <ئۆكتەبر> دېگەنگە ئوخشاش ئەدەبىي ژورناللارنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىغان. 1924 - يىلى يېزىلغان <تۆمۈر ئېقىم> دېگەن رومانىدا، ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ قەھرىمانانە كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ يەنە ۋەتەن ئۇرۇشىنى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قۇرۇلۇشلارنى ئەكس ئەتتۈرگەننۇرغۇن ھېكايە، ئوبزور ۋە ئوچېرىكلارنى يازغان.