Uyghur主要词典
سىڭىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەندىكى مۇسكۇللارنى سۆڭەككە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان چىڭ ۋە ئەۋرىشىم توقۇلما.
دۈشمەننىڭ پېيىنى قىرقى. پەي تارتىشماق. سىڭىر يېگەن ئىت جىم تۇرالماس. تارمۇچنى تارتىپ يە. غەيۋەت _ پىشماق پاتاڭ، نەگە تارتسا شۇ يەرگە بارار.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
بۇرجەك؛ دوقمۇش؛ تۆت كوچا ئاغزى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سىڭىر، پەي.
3 - 496
بىئولوگىيە
پەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۆڭەك بىلەن سۆڭەكنى تۇتاشتۇرىدىغان ياكى ئىچكى ئورگانلارغا تىرەكلىك رول ئوينايدىغان، چىداملىق، تاسمىسىمان تالالىق تۈزۈلۈش. سۆڭەك پارچىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىڭىرلار سۆڭەكنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېپىشىپ ياكى بوغۇمدىكى سىلىقلاشتۇرغۇچى سۇيۇقلۇق خالتىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتى بىلەن بىرىكىپ بوغۇمنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئىچكى ئورگانلارنى تىرەپ تۇرىدىغان سىڭىرلا قېلىنلاشقان قورساق پەردە پۈرمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىچكى ئورگانلارنىڭ ئورنىنى مۇقىملاش ياكى ئۇنىڭ سىلجىش دائىرىسىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
«پەي Ⅱ» گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. بۇرجەك، دوقمۇش.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سىڭىر، پەي،نېرۋا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يۇتۇش، ھەزىم قىلىش