Uyghur←Chinese主要词典
سپىتىسىن
دۇنيا تارىخى
斯皮勤
sī pí qín
(1858 - 1931). سوۋېت ئارخېئولوگى. 1891 - يىلدىن باشلاپ ئارخېئولوگىيە كومېتېتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان. 1929 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، قېزىش خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. شەرقىي سلاۋىيانلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋر ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئارخېئولوگىيىسى جەھەتتە تەتقىقاتى بار. ئۇنىڭ ماتېرىياللارنى رەتلەش خىزمىتى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەرگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. <ئارخېئولوگىيە ماتېرىياللاردىن قەدىمكى رۇس قەبىلىلىرىنىڭ تارقىلىشىغا بىر نەزەر>قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.