Uyghur←Chinese主要词典
سپېرما
بىئولوگىيە
精子
jīngzǐ
تۇخۇملۇق كۆپىيىش جەريانىدىكى ئاتىلىق گامېتا. سپېرمىنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى جانلىق تۈرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار سپېرمىسى ئادەتتە باش، بويۇن، قۇيرۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسمى ئاساسەن ھۈجەيرە يادروسى ۋە ئاكروسوما (acrosome) دىن تۈزۈلىدۇ، بويۇن قىسىمى سېنترىئوسوما ۋە خوندرىئوسومىدىن تۈزۈلىدۇ، سېنترىئوسوما ھاسىل قىلغان قامچىسىمان تۈكلەردىن قۇيرۇق قىسمى ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپېرمىسىدا قامچا تۈك بولىدۇ ۋە ھەرىكەت قىلالايدۇ؛ يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپېرمىسىدا قامچا تۈك بولمايدۇ، ئۇلار ئاساسەن چاڭ نېيى ئارقىلىق تۆرەلمە خالتىسىغا كىرىپ، ئۇرۇقلىنىدۇ. سپېرما ئادەتتە ئاتىلىقنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىن ھاسىل بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ كۆپىيش ئورگىنى ئۇرۇقدان (تېستېس) دەپ ئاتىلىدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپېرما ئىشلەپچىقىرىش ئورگىنى ئاتىلىق ئورگان ياكى سپېرما خالتىسى دېيىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
精液
jīng yè
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
jīng zǐ ,jīng chóng
精子,精虫