Uyghur←Chinese主要词典
سپورا خالتا سپورىسى
بىئولوگىيە
子囊孢子
zǐnángbāozǐ
سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغلار سىنىپدىكى سپورا خالتىسىنىڭ ئىچىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل سپورا. ئۇ ئادەتتە ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ؛ ئاز ساندىكى تۈرلىرى يىڭنىسىمان ياكى باشقا شەكىللەردە بولۇپ، بەزىدە كۆپ ھۈجەيرىدىن (مەسىلەن، گېئوگلوسسا ئائىلىسىدىكى بەزى تۈرلەر) تۈزۈلىدۇ. ھەر بىر سپورا خالتىسدا سەككىز دانىدىن سپورا بولىدۇ، بىراق بەزىلىرىدە 2، 4، 16 32، 64 - 1000 دانىدىن ئارتۇق سپورا بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. تىپىك سپورا خالتا سپورىسى يادرولار جۈپلىشىپ سان كېمەيتىپ بۆلۈنگەندىن كېيىن، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەركىن ھۈجەيرە ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھاسىل بولىدۇ.