Uyghur←Chinese主要词典
سپورا
بىئولوگىيە
孢子
bāozǐ
ئۆسۈملۈكتىن ھاسىل بولىدىغان يەككە ھۈجەيرىلىك ياكى كۆپ ھۈجەيرىلىك كۆپەيگۈچى ياكى تىنچلانغۇچى تۈزۈلۈش بولۇپ، بىۋاستە يېتىلىپ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر جىنىسسىز كۆپىيىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىدىغان سپورىلاردىن ھەرىكەتچان سپورا، ھەرىكەتلەنمەيدىغان سپورا، سپورا خالتا سپورىسى، بۆلۈنگۈچى سپورا قاتارلىقلار، جىنىسلىق كۆپىيىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىدىغان سپورىلاردىن قوشۇلغۇچى سپورا (زىگوتا)، تۇخۇملۇق سپورا، خالتىلىق سپورا (گامېتىنىڭ يادرولىرى قوشۇلۇپ سان كېمەيتىپ بۆلەنگەندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ)، بازىدىيىلىك سپورا (گامېتىنىڭ يادرولىرى قوشۇلۇپ سان كېمەيتىپ بۆلۈنگەندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسىنىڭ پوستىنى قېلىنلاشتۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق زاپاس ساقلاش ئارقىلىق ناچار مۇھىتقا قارشى تۇرىدىغان قېلىن پوستلۇق سپورا، تىنچلانغۇچى سپورا قاتارلىق سپورىلارمۇ بار. سپورا ئىككى ھەسسىلىك سپورا بىلەن تاق ھەسسىلىك سپورىغا بۆلۈنىدۇ. تاق ھەسسىلىك سپورىنىڭ ئوخشاشمايدىغان جىنىستىكىلىرى ئۆز ئارا پەرقلىنىدۇ. ئىككى جىنىسلىق سپورا شەكلى ئوخشاش سپورا ۋە شەكلى ئوخشىمايدىغان سپورىغا بۆلۈنىدۇ. شەكلى ئوخشىمايدىغان سپورا يەنە چوڭ سپورا بىلەن كىچىك سپوراغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم يېتىلىپ ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گامېتوفىتنى ھاسىل قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردە بۇ خىل سپورىلار دائىم ئۇچرايدۇ.
تېببىي,گىئولوگىيە,ئۆسۈملۈك,ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
孢子
bāo zǐDئۇنىۋېرسال
产孢子
chǎn bāo zǐDئۇنىۋېرسال
孢子孢
bāo zǐ bāoDدېھقانچىلىق
修剪
xiū jiǎnDئۇنىۋېرسال
芽孢子
yá bāo zǐDئۆسۈملۈك
芽孢
yá bāo