Uyghur主要词典
سوئال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جاۋاب ياكى چۈشەنچە ئېلىش ئۈچۈن قويۇلغان مەسىلە.
سوئال جۈملە؛ سوئال گەپ. شەك - شۈبىھىسىزكى، سوئال _ ھەرقانداق پەننىڭ ئاچقۇچى. ئەخمەقنىڭ بىر سورىقىغا يۈز ئاقىل جاۋاب بىرەلمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جاۋاب تەلەپ قىلىنغان گەپ، جۈملە، ئىبارە؛ سوراق.
سوئال بەرمەك. سوئال تاشلىماق. سوئال سورىماق. سوئال قويماق.
يېشىلىشى لازىم بولغان مەسىلە.
بىرەر ئايدىن بۇيان، ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك سوئاللار پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى.
<مائار> مەشىق قىلغان ياكى ئىمتىھان ئالغان ۋاقىتلاردا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب بېرىشى ۋە يېشىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەر.
سوئال چىقارماق. سوئالنى يەشمەك