Uyghur←Chinese主要词典
سوۋېت ۋەتەن ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
苏联卫国战争
sū lián wèi guó zhàn zhēng
سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقنىڭ فاشىستلار گېرمانىيسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتپاقداشلىرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئادالەتلىك ئۇرۇشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، گېرمانىيە غەربىي ياۋرۇپا، شىمالىي ياۋرۇپا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان. 1941 - يىل 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيە ئۆزنىڭ بېقىندىسى بولغان فىنلاندىيە، ۋېنگرىيە ۋە رومىنىيىنىئەتراپىغا توپلاپ، 190 دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان.سوۋېت ئارمىيە ۋە خەلقى ستالىن باشچىلىقىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشنى قانات يايدۇرغان. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا (1941 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 1942 - يىل 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت) ستراتىگىيىلىك مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىسىنى يولغا قويغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشىستىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشقا قارىتا زۆرۈر تەييارلىقى كەمچىل بولغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيسى ۋاقىتلىق پايدىلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ،ئۈچ ھەپتە ئىچىدە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ 28 دېۋىزىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تېزلىك بىلەن پۈتكۈل لىتۋانى، لاتۋىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى، بېلوروسىيە ۋە ئوكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىنى بېسىۋالغان ھەمدە لېنىنگراد، موسكۋا، كىيېۋقا ھەدەپ ھۇجۇم قىلغان. سوۋېت ئارمىيىسى 1941 - يىلى 9 - ئايدىن 1942 - يىلى 4 - ئايغىچە موسكۋا جېڭىنى ئېلىپ بېرىپ غەلىبە قازانغان. گىتلىرنىڭ <چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش> پىلانى بەربات قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ گېرمانىيە ئەسكىرىي كۈچ ۋە قورال -ياراغ جەھەتتىن يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن (1942 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيەنىڭ ئارمىيىسى 6 مىليون 200 مىڭ كىشى، سوۋېت ئارمىيىسى 5 مىليون 500 مىڭ كىشى ئىدى). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكرائىنا، بېلوروسىيە، مولداۋىيە، بالتىق دېڭىز بويلىرى، قىرىم، دون دەرياسى، شىمالىي كاپكاز ۋە روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسمدىن ئىبارەت باي ئورۇنلىرىنى بېسىۋالغان. سوۋېت ئارمىيسى داۋاملىق مۇداپىئە جېڭى ئېلىپ بارغان. ياز ۋە كۈز پەسلىگە كەلگەندە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئىككىنچى باسقۇچى (1942 -يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 1943 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ۋاقىت). 1942 - يىلى يازدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ستالىنگرادقا ھۇجۇم قىلغان. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى دون دەرياسىنىڭ دەريا ئەگمىسىگە بېسىپ كىرىپ، جەڭ باشلانغان. سوۋېت ئارمىيىسى ئاۋۋال ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش داۋامىدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر تۈركۈم جانلىق كۈچىنى خورىتىپ، 11 -ئاينىڭ 19 - كۈنىگە كەلگەندە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 1943 - يىل 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، گېرمانىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ستالىنگرادنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنى تۈپ ئاساستىن ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋېت ئارمىيسى يەنە كورسىك جېڭىنىڭ غەلبىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن. گىتلېرنىڭ مەغلۇپ بولۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈمىدى بەربات بولغان. ئۈچىنچى باسقۇچ (1944 - يىلى 1 - ئايدىن 1945 - يىل 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت). سوۋېت ئارمىيىسى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 1944 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئون قېتىملىق زەربە بېرىپ، قولدىن كەتكەن رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۋالغان. ئۇرۇش دۈشمەن زېمىنىغا كۆچكەن. فىنلاندىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇشقا مەجبورلىغان. 1945 - يىلنىڭ باشلىرى سوۋېت ئارمىيىسى يەرلىك مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، پولشا چېخوسلوۋاكىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىغا كىرىپ، شەرقىي پرۇسسىيە ۋە سىلېزىيىنى ئىشغال قىلغان. 1945 - يىل 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىننى ئىشغال قىلغان. 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى فاشىستلار گېرمانىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان.