Uyghur主要词典
سوتۇنىئۇس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 69 - 140)قەدىمكى رىملىق بىئوگراف. رىم ئىمپېراتورى ھاردىئاننىڭ كاتىپى بولغان. خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئارخىپ ئامبىرىدىكى يازما ھۆججەت ماتېرىياللىرىدىن تولۇق پايدىلانغان. مىلادى 121 - يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپلا مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەنى يازغان.تەزكىرە خاراكتىرلىك ئەسىرى <رىم پادىشاھلىرى تەرجىمىھالى> (<12 نەپەر كائېسارنىڭ تەرجىمىھالى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ناملىق ئەسىرى بار، بۇنىڭدا كائېساردىن تارتىپ دومىتىئانغىچە بولغان 12 نەپەر رىم ئىمپېراتورى - پادىشاھلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. ئۇ تەرجىمىھاللار توپلىمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كائېسارنىڭ تەرجىمىھالى موپەسسەل بايان قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا <مەشھۇر كىشىلەر تەرجىمىھالى> ناملىق ئەسىرىمۇ بار. بۇ كىتابى كېيىنكى تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن، بىراق سۆز تاللاش جەھەتتە دېگەندەك پۇختا بولماي، قۇرۇق چۈشىنىكسىز بولۇپ چىققان.