Uyghur←Chinese主要词典
سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى
领域: دۇنيا تارىخى社会主义工人国际
shè huì zhǔ yì gōng rén guó jì
بېرنې ئىنتېرناتسىئونالى بىلەن ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونالى 1923 - يىلى 5 - ئايدا گامبۇرگدا چاقىرىلغان بىرلىشىش يىغىنىدا، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالىزمنىڭ رېۋىزىئونىزملىق پروگراممىسىنى ئاساس قىلىپ، بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇلار سىنىپىي ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلغان، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى ماختىغان، كاپىتالىزم سوتسىيالىزمغا <تىنچ ھالدا ئۈسۈپ كىرىش>، مۇستەملىكىلەرنى تىنچ ھالدا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سەپسەتىلەرنى تارقاتقان، ئىشچىلار سىنپى ئىتتىپاقىغا بۆلگۈنچىلىك سالغان ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. باش شتابى سيۇرىختا (دەسلەپ لوندوندا) بولغان، ئاۋسترىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنڭ كاتتىبېشى فرېدرىخ ئادلېر (1897 -1960) ئۇنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاساسەن يىمىرىلگەن. 1951 - يىلى <سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى ئىنتېرناتسىئونالى> قۇرۇلۇپ، ئۆزىنى <سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونال>نىڭ ۋارىسى دەپ ئاتىۋالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。