Chinese→Uyghur主要词典
松尾芭蕉
دۇنيا تارىخى
ماتسۇئو باشونوتسۇ
(1644 - 1694) ياپونىيەنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى شائىرى. ئېگا - ئوئېنو (ھازىرقى مىئې ناھىيىسى) دە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا تىسۇ ۋاسسالىقىنىڭ بېگى موتو ياكارا تودويوشتادا (1642 - 1666) غا ھەمراھ بولۇپ ئوقۇغان. ياپونچە مۇسەللەس (بەش بوغۇم، يەتتە بوغۇم، بەش بوغۇملۇق ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلى) ئۆگەنگەن. دەسلەپتە ماستۇناگا سادانورى (1571 - 1653) نى ئۇستاز تۇتقان، كېيىن كىتامۇرا سوئېنوبۇ (1624 - 1705) دىن ئۆگىنىپ، ئۆزىگە مۇنېفۇسا دەپ تەخەللۇس قويغان. تودويوشتادا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كيوتۇغا بېرىپ ئىلىم ئۆگەنگەن. 1672 - يىلى ئېدوغا بېرىپ، سائىسان شۇئون (1650 - 1682) بەرپا قىلغان ئورمانچىلار شېئىر ئۇسلۇبىغا يېقىنلىشىپ مامو دېگەن تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن. كېيىن سودىگەرلەرنىڭ پايدا قوغلىشىش ئادىتىگە نارازى بولغانلىقتىن، فۇكاگاۋادىكى باشونوتسو بۇتخانىسىدا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، باشونوتسۇ دېگەن تەخەللۇسىنى قوللىنىپ، كىشىلىك تۇرمۇشىنى يولۇچىغا ئوخشاش دەپ قارىغان. ئاددى خەلق تۇرمۇشىدىن ئالغان شېئىرىي تۇيغۇسىنى پىنھان ياشاش ئۇسلۇبى بىلەن ئىپادىلەنگەن. ھەرقايسى جايلارنى سەيلە قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن <دالىغا ساياھەت>، <كاشىماغا ساياھەت>، <ئوئىكاۋادىكى ئاددىي ئەسەر>، <ئوشۇدىكى چىغىر يول> قاتارلىق ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ جۈملىلىرى دائىم ئېسىل يېزىلغان. كېيىن كېسەل بولۇپ ئوساكادا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ مۇسەللەسلىرىنىڭ كۆپ قىمسى <قىزىقارلىق يەتتە ئەسەر توپلىمى>غا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ 100 دىن ئارتۇق شاگىرتى ئىچىدە ئېنوموتوكىكاكۇ، كوتوموسۇسۇكى قاتارلىق 10 كىشى مەشھۇر بولۇپ، باشونوتسۇنىڭ 10 دانىشمەن شاگىرتى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبى ياپونىيە شېئىر ساھەسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنكىلەر ئۇنى <مۇسەللەس پىرى> دەپ ئاتىغان.