Chinese→Uyghur主要词典
松平容保
دۇنيا تارىخى
ماتسۇدا ئىرا كاتامورى
(1835 - 1893) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئائىزۇ ۋاسسالىقىنىڭ بېگى. تاگاسۇ ۋاسسالى (ھازىر گىفۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق) نىڭ بېگى ماتسۇدا ئىرا يوشىتاكېنىڭ 6 - ئوغلى بولۇپ، ئائىزۇ ۋاسسالى (ھازىر فۇكۇشىما ناھىيىسىگە قاراشلىق)نىڭ بېگى ماتسۇدا ئىراكاتاتاكانىڭ ۋارىسى بولغان. 2185 - يىلى ۋاسسالىققا ۋارىسلىق قىلغان. 1862 - يىلى كيوتونىڭ ياساۋۇل بېگى بولغان. 1863 - يىلى 18 - ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلاشقا قاتنىشىپ، پادىشاھنى ئىززەتلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قاققۇچىلارنى باستۇرغان. 1864 - يىلى جىنمىن ۋەقەسىدە بارگاھ قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ناگاسۇ ۋاسسالىقىنىڭ قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن. پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سىياگون كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇ بىلەن ئوساكاغا قېچىپ بېرىپ، قوراللىق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش پەيتىنى كۈتكەن. توبا - فۇشىمى جېڭىدىن كېيىن، ۋاسساللىققا قايتىپ كېلىپ ئوئۇ ۋاسساللار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ۋاسساللىق قوشۇنىغا باشچىلق قىلىپ ئائىزۇۋا كاماتسۇ شەھىرىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغدىغان. 1868 - يىلى 9 - ئايدا شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ تەسلىم بولغان، تونتورى ۋاسسالىقىغا قاماپ قويۇلۇپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1872 - يىلى گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغان. 1880 - يىلى نىككو دۇڭجياۋ سارىيىنىڭ باشلىقى بولغان.