Chinese→Uyghur主要词典
松果体
ئادەم ئاناتومىيىسى
sōng guǒ tǐ
چىلخوزا تەن مېڭە ئۈستى بېزىDتېببىي
sōng guǒ tǐ
چىلغوزا تەنچە، مېڭە ئۈستى بېزىDئۇنىۋېرسال
sōng guǒ tǐ
چىلغۇزا تەنچە
بىئولوگىيە
چىلغوزا تەنىچە
<مېڭە ئۈستى بېزى> epiphysis دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارىلىق مېڭە تۆپە دىۋارىنىڭ دۈمبە تەرەپ ئارقا يېنىغا جايلاشقان، كونۇس شەكىللىك كىچىك بىر بەز تەنىچە بولۇپ، شەكلى چىلغوزىغا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئادەم چىلغوزا تەنچىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 200 مىللىگرام، بالىلىق ۋاقتىدا چوڭراق بولۇپ، ياشلىق دەۋرىدىن كېيىن كىچىكلەيدۇ. بۇرۇن ئۇ بىر رۇدىمېنتلاشقان ئورگان دەپ قارالغان، لېكىن كۆپلىگەن تەجرىبە تەتقىقاتلار ۋە كلىنىكىلىق كۆزىتىشلەر ئارقىلىق كۆرسىتىلىشىچە چىلغوزا تەنچىسى كۆپ خىل فۇنكسىيىگە ئىگە بىر ئورگان بولۇپ، چوققا ئۈستى نېرۋا تۈگۈنىنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. چىلغۇزا تەنىچىسىنىڭ ئاجراتقان گورمونلىرىدىن مېلاتونىن (melatonin) ۋە ئارگىنىن ۋاسوتوتسىن (arginineuasotocinAVT) قاتارلىقلار بار. بۇ گورمونلار ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىش رولىنى، تۇخۇمدان ۋە ئۇرۇقدانلارنىڭ يېتىلىشى ۋە فۇنكىسيىسىنى تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ چىلغوزا تەنىچىسى يورۇقلۇق سېزىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ئۈچىنچى كۆز دەپمۇ ئاتالغان. سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ چىلغوزا تەنچىسى گەرچە بىۋاسىتە يورۇقلۇق سېزىش رولىغا ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن يورۇقلۇق نۇرى بىلەن يەنىلا زىچ مۇناسىۋەتلىك. يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ نۆۋەتلىشىپ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ چىلغوزا تەنچىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن فۇنكىسيىسىمۇ كېچە - كۈندۈز رېتىملىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مېلاتونىن ۋە ئۇنىڭ ئېنزمىنىڭ ئاكتىپچانلىقى كۈندۈزى تۆۋەنلەپ كېچىسى ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئايلىق رېتىم، پەسلىللىك رېتىم ئۆزگىرىشىمۇ مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق رېتىملىق ئۆزگىرىشلەر بەدەندىكى بەزى دەۋر خاراكتېرلىك فىزىئولوگىيىلىك جەريانلار مەسىلەن، ئۇخلاش، تۇخۇم چىقىرىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.