Chinese→Uyghur主要词典
松方正义
دۇنيا تارىخى
ماتسۇكاتا سېئىگى
(1835 - 1924) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1891 - 1892، 1896 - 1898). ساتسۇما ۋاسسالىقىدىكى زىيالىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ۋاسسالىقنىڭ كېمىچىسى بولغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت مالىيە ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. مالىيە باش نائىبى. مالىيە باش نازارەتچىسى، مالىيە كاتىپى، مالىيە ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، يەر بېجىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەھسۇلاتنى كۆپەيتىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرگەن. پۇل مۇئامىلىسىنى رەتكە سېلىپ، مالىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن (تارىختا <ماتسۇكاتا مالىيىسى> دەپ ئاتالغان) بولۇپ مېيجى دەۋرىدىكى مالىيە - ئىقتىسادىي سىياسەت بەلگىلىگۈچى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.