Uyghur主要词典
سوندېربۇند
دۇنيا تارىخى
نېمىسچە Sonderbund نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يەنى <بۆلگۈنچىلەر ئىتتىپاقى>. 1845 - 1847 - يىللىرى شۋېتسارىيىدىكى يەتتە كاتولىك دىنى شتاتىدا ھاكىمىيەت تۇتقان يۇقىرى قاتلام بۇرژۇئازىيە ۋە فېئودال پومېشچىكلار فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاق. بۇ ئىتتىپاق كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنى قوللاپ، فېدېراتىپ پارلامېنتنىڭ ئەيسا جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ، ھەرقايسى شتاتلارنىڭ تەپرىقىچىلىك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. 1847- يىلى 7 - ئايدا پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇم قىلغان، 11 - ئايدا ئىتتىپاق ئۇرۇشتا يېڭىلىپ يىمىرىلگەن.