Uyghur←Chinese主要词典
سونبرۇن سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
森伯伦和约
sēn bó lún hé yuē
ناپولېئون ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاۋستىرىيە بىلەن فرانسىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1809 - يىلى ناپولېئون ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى ۋاگرامدا مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيىنى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ۋېنانىڭ يېنىدىكى سكونبرون (گۈزەل بۇلاق ئوردىسى)دا سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. بۇشەرتنامىدە ئاۋسترىيىنىڭ سالزبۇرگنى رېيىن ئىتتىپاقىغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى؛ گالىتسىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ۋارشاۋا كىنەزلىكىگەكېسىپ بېرىدىغانلىقى؛ گالىتسىيىدىكى تارناپول رايونىنى روسىيىگە بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى؛ ئادرىئاتىك دېڭىز قىرغىقىنىڭ يېنىدىكى پۈتكۈل دالماتسىيىنى فرانسىيىگە كېسىپ بېرىدىغانلىقى؛ ئاۋسترىيىنىڭ ئەنگىليە بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قامال سېستىمىسىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى؛ ئاۋسترىيىنىڭ ئۆز ئارمىيىسىنى 150 مىڭ كىشىگە قىسقارتىدىغانلىقى ھەمدە نۇرغۇن تۆلەم پۇلى تۆلەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئاۋسترىيىنى پۈتۈنلەي ناپولېئوننىڭ بېقىندىسى قىلىپ قويغان.