Uyghur←Chinese主要词典
سولوۋيوۋ
دۇنيا تارىخى
索洛维约夫
suǒ luò wéi yuē fū
(1820 - 1879) روسىيىلىك تارىخشۇناس. 1842 - يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1845 - يىلىدىن باشلاپ موسكۋا داشۆسىدە روسىيە تارىخىدىن دەرس بەرگەن. 1847 - يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان، كېيىن موسكۋا داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1872 - يىلى پېتىربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 1871 - 1877 - يىللىرى موسكۋا داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. داشۆنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارەقىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. موسكۋا روسىيە تارىخى ۋە قەدىمكى يادىكارلىقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى <تەبىئىي> تەرەققى قىلىۋاتقان بىر پۈتۈن گەۋدە؛ روسىيە تارىخىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسەن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا باغلىق دەپ قاراپ، روسىيە تارىخىنى ئاددىي ھالدا <نورمان دەۋرى> ياكى <تاتارلار دەۋرى> دەپ ئايرىيدىغان قاراشنى ئىنكار قىلغان؛ ⅦⅩ - ⅧⅩ ئەسىر ئارىلىقىدىكى پېتر Ⅰ نىڭ ئىسلاھاتى روسىيە تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ روسىيە <قەدىمكى زامان>دىن <يېقىنقى زامان>غا ئۆتكەن، يەنى <ياۋرۇپالىشىش> يولىغا ماڭغان، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ كۆز قارىشى روسىيە تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ <قەدىمدىن بۇيانقى روسىيە تارىخى> دېگەن 29 توملۇق ئەسىرى ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.